audio audioduration (s) 2.27 16.4 | sentence stringlengths 15 131 |
|---|---|
قاياقتىندۇر كېسەلچان ئانامنىڭ يىغىسى ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى | |
ئۇ قاش دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتىمەن دەپ تۇرۇۋالدى | |
ئۇ چاغلاردا شارائىت ناچار ئىدى ھازىر ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ | |
ۋاي بىچارىلەر بۇنداق يەردە قانداق جان باقىدۇ كىشىلەر | |
ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار قابىل دېھقان بوز ئاچار | |
قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ | |
ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق سۇنىڭ ئېقىشىغا | |
زەرنىڭ دوستى تولا زەرگەرنىڭ دۈشمىنى | |
كۆزۈمدىن ياش تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى | |
ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ۋېرتىكال تۆۋەنگە قارىتا بولىدۇ | |
كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق | |
ئاماننىسا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مىرزا مەھمۇد ئۆز ئىشىغا تۇتۇندى | |
گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس | |
ئۇنىڭ بىلىكىگە ئىسپىرت سۈرتۈلگەندىن كېيىن قان تومۇرىغا شپىرىس كىرگۈزۈلۈپتۇ | |
مەن تېخى دادامنى خۇش بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن | |
ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس كېسەلنىڭ دەردىنى ساق | |
ئاۋۇ ئاستىدىكى ھەجۋىي رەسىم تازا قاملىشىپتۇ | |
بېشىڭ نەدىن كېتەر تىلىڭدىن | |
كىچىكلىكىدە بىلىم بىلسە قولى ئۈستۈن بولىدۇ | |
بۇ ئازابلىق كۈنلەر قاچانمۇ ئاخىرلىشار ھە | |
بىزمۇ مۇشۇلاردەك ئاددىي ياشىساق دەيمەن | |
ئاستىنقى قەۋەتتىكى شىپاڭدا بىر دۈمچەك بوۋاي ئولتۇراتتى | |
بۇنى تامامەن قوللايمەن | |
توكنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى دېگەن نېمە | |
بۇ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم تۈلكىدەك ھوشيار بول | |
ئۆيگە كىرىپلا ئۆي يىغىشتۇرۇۋاتقان سەبىخەنى كۆرۈپ خۇشال بولدى | |
ئالغۇچى ئارسلان بەرگۈچى چاشقان | |
سۈبھى بەزىدە شۇنداق قىزىق گەپلەرنى قىلىدۇ | |
بۇ ئەتىر بەلكىم يېڭى چاچقاندا كۈچلۈك بولغىيتتى | |
قارادا پولۇ يامغۇردا شورپا بوراندا ئۇيقۇ | |
تاقەتسىزلەنگەن ھالدا ئاپامنى چاقىردىم دە ئىككىمىز كومپيۇتېرنى ئېچىپ بىر كارتون تورىغا كىردۇق | |
ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلەلمىدىم | |
بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ جان سورىغىنىڭ | |
مەسىلەن سۇ ئىنشائاتى ئىلمى ماتېرىيال مېخانىكىسى قۇرۇلما مېخانىكىسى قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى | |
بۆلۈم ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى | |
بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى قىرىق ئەرنىڭ ھىيلىسىدىن ئارتۇق | |
بەزى ئەرلەرنىڭ يۈزى ئېشەك تېرىسىدىنمۇ قېلىن | |
قاراڭ ئۇلار تىزىق تىزىق رەڭدار مارجانلارغا نەقەدەر ئوخشايدۇ ھە | |
ئۇ ئىش قىلغاندا كاللا ئىشلەتمەيدىكەن | |
مامكاپ گۈلى يۇمۇلۇپ قالغاندا ئالتۇن رەڭلىك بەرگلىرىنى ئورىۋالىدىكەن دە يايلاق يېشىل رەڭگە قايتىدىكەن | |
گۈلشەننىڭ كۈلۈپ تۇرغىنىنى كۆرسىمۇ جادۇگەرنىڭ كۈلكىسىنى كۆرگەندەك قورقىدىغان بولۇپ قالدى | |
شۇنچە يىللاردىن بېرى مەن باشقىلارغا ئورا كولىغان ئادەمنىڭ بەختلىك بولغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم | |
ئادەمگە ئېغىر كېلىدىغىنى ئىشەنچتىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىك | |
ئۇ ئەمدى نېمە دېيىشىنى بىلەلمىگەندەك تۇرۇپلا قالدى | |
چاستوتا دېگەن نېمە | |
يېتىپ يېسەڭ تاغ توشۇماس | |
ئۇ قىزغا نېمە بولدىكىن گەپ سورىسام جاۋابمۇ بەرمەيدۇ | |
بىزنىڭ ئالاقە قىلىشىمىزغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ | |
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز ئىدى | |
ئاپام بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشۈپ ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ ياخشىمۇسىز دېدى | |
قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس | |
سۆز بىلەن پولۇ پىشماس ماي بىلەن گۈرۈچ لازىم | |
قېرى قارىياغاچلار قوۋزاقلىرىنى بېغىر رەڭ مۇخ ئاستىغا يوشۇرۇپ غەمكىن قاراپ تۇرۇشاتتى | |
پادىشاھ ياشايدىغان چوڭ شەھەردە تۇرمۇش كۆڭۈللۈك ۋە پاراۋان ئىكەن | |
مەن بىرىنى ياخشى كۆرسەم غۇرۇرۇمنى قايرىپ قويىمەن ھېچ نەرسەمنى ئايىمايمەن | |
باشقىلارنىڭ مەسلىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن | |
نېمانچە تۈگىمەيدىغان قەرزدۇر بۇ | |
مەن ئەمدىلىكتە مۇنداق ئاجىزلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويدۇم | |
يېيىشلىك مالنىڭ ئېتى چۈشمەس يۈزسىزنىڭ بېتى | |
بالا ئېشەككە ھەيۋە قىلغاچ پوتىسىنى چېلىپ قويىدۇ | |
گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق | |
كۈنتۇغدىنىڭ كۆڭلى شادلىققا تولۇپتۇ | |
سېنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدىن بۇرۇن گۇگۇمدەك لەيلەپ يېتىپ كېلىۋاتقان ھالاكىتىڭنى كۈيلەپ سايرايمەن | |
بېگىمنىڭ مۇھىم قارارىغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولۇشقا ھوقۇقىڭىز يوق | |
ئاي شارى توپا توزان تاغ جىنسلىرى ۋە ھالقىسىمان تاغلارغا تولغان ئىدى | |
ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغۇچە داۋاملىشىدۇ | |
يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن | |
قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار | |
ئىلگىرى ئۇ قىپقىزىل تاشلىق تاغ بولغاچقا قىزىلتاغ دەپ ئاتالغان | |
مېنىڭ ۋەسىيىتىم شۇكى ئەقىل ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇڭلار | |
ئۇنى شۇنچە خۇش قىلغان بۇ ئايال ئۇنىڭ نېمىسىكىن | |
گۇناھسىز كىشىلەرنى تۇتىدىغان قامايدىغان قىلمىشلىرىڭىزنى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ | |
ياخشىمۇسەن بوز تورغاي تۈنۈگۈن نەگە كەتكەن ئىدىڭ | |
نەۋرەم بولۇنغان گەپ سۆزلەرنىڭ تەكتىگە يېتەلمەي ھاڭ تاڭلىق ئىلىكىدە كۆزلىرىنى چىمىلدىتاتتى | |
پولات تۆمۈرلەر ئۇنىڭغا تەگكەن ھامان گازغا ئايلىنىپ كېتىدۇ | |
يايلاق مامكاپلارغا تولۇپ كەتكەن | |
يەنە تۈمەن مىڭ يىللاردىن كېيىن دېڭىز ئاستىنىڭ ئاستا ئاستا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئېگىز تاغقا ئايلانغان | |
ئۇ جازاغا جاپاغا ئۆزىنى ئاتاپ قويغاندەك پەرۋاسىز ناھەقچىلىككە ئاچچىق كۈلكىسى بىلەن جاۋاب قايتۇردى | |
نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان كىشىلەرنى تىلغا كىرگۈزەلەيسەن | |
ياسىن تېلېفوننى ئېتىپ جوزىلارنى سۈرتكەچ گەپ تىڭشاۋاتقان گۈلشەنگە قاراپ قويدى | |
ئۇ قاچا قۇچىلارنى ئېرىقتا يۇيۇش باھانىسى بىلەن ئەتەي مەن تەرەپكە كەلمەكتە ئىدى | |
بالىلار سۈكۈتكە چۆمدى مەنمۇ بالىلار بىلەن بىللە سۈكۈتكە چۆمدۈم | |
ئەمسە بۇنىڭدا رەسىملەرمۇ بارمۇ دەپ سورىدى قەيسەر تېخىمۇ قىزىقىپ | |
سىزمىچىلىق گېئومېتىرىيەسى ياۋروپا مەدەنىيىتى قايتا گۈللەنگەن دەۋردىكى رەسىم سىزىش ۋە بىناكارلىق تېخنىكىسىدىن كەلگەن | |
ھارۋىكەشمۇ سادىقنى يىراقتىن بوش ئاڭلىنىۋاتقان ئاشۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالماي قالمىسۇن دەپ سۆزدىن توختىدى | |
نامرات ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مەبلەغقە جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا | |
ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ قۇشنى يەم بىلەن | |
ئۆلۈم كەلمىگەن ئىكەن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ قوي | |
ھەر كۈنى نۇرغۇن چەتئەللىكلەر كېلىپ تۇرىدىكەن | |
جاڭگالنىڭ مەۋجۇتلۇقى داۋام قىلىدۇ ئەمما بۇنداق مەۋجۇتلۇقنىڭ قانچىلىك داۋام قىلىدىغانلىقىنى بوۋاي بىلمەيدۇ | |
ئۇلارنى ھەرگىز مەكتەپ سىرتىدا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ بىر ئامال قىلىش كېرەك | |
ئۇنىڭ تۇيغۇسى توغرىمىدۇ | |
مەن راستتىنلا خۇش بولۇپ كەتتىم | |
بىردەمدىن كىيىن يەنە يېيىلىپ يىراق يىراقلارغا ئۈزۈپ كەتتى | |
ئۇ يەنە بىر قارىماققا ئامېرىكا ئىندىئانلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى | |
مەن بۇرۇن ساڭا ئوخشاش كىچىك ئىدىم | |
بىكاردىن بىكارغا ساراڭدەك چېلىۋېرەمدۇ | |
ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ | |
قولى بىلەن ئېلىپ پۇتى بىلەن بېرىپتۇ | |
چەككىنى جەبىر جاپا ئاڭلىغىنى تەنە تاپا |
End of preview. Expand
in Data Studio
README.md exists but content is empty.
- Downloads last month
- 5